Yashisun Musteqil Sherqiy Türkistan

Yashisun Musteqil Sherqiy Türkistan Kontaktinformationen, Karte und Wegbeschreibungen, Kontaktformulare, Öffnungszeiten, Dienstleistungen, Bewertungen, Fotos, Videos und Ankündigungen von Yashisun Musteqil Sherqiy Türkistan, Politische Organisation, Headquarters: Adolf-Kolping-Straße 9, Munich.

ICHIMIZDIKI OGHRI  ئىچىمىزدىكى ئوغرى       #ئۇيغۇر #ئوغرى
11/10/2022

ICHIMIZDIKI OGHRI ئىچىمىزدىكى ئوغرى






#ئۇيغۇر
#ئوغرى

ئابدۇۋەلى بۇغرانى نىمىشقا توسمايدۇ ؟ بىر قانچە يىلدىن بىرى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە خەلىقارالاشتى ۋە ...
23/11/2020

ئابدۇۋەلى بۇغرانى نىمىشقا توسمايدۇ ؟
بىر قانچە يىلدىن بىرى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە خەلىقارالاشتى ۋە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ۋە كۆڭۈل بۆلىشىگە ئىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر خەلقىمىز ئىچىدىمۇ ھەرخىل ناملار بىلەن نۇرغۇن تەشكىلاتلار ۋە جەمىيەتلەر قۇرۇلۇپ ئوخشىمىغان ساھە ۋە ئوخشىمىغان نىشانلاردا خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. ئەمما يەنىلا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى رەھبەرسىز ۋە ئۇيغۇرلار باشسىز قېلىۋەردى. بۈگۈنكىدەك ھەممە ئىش سىستىمىلاشقان بىر دەۋىردە، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى سىستىمىسىز ھالدا تەكلىماكاننىڭ قۇملىرىدەك چېچىلىپ يۈرمەكتە.
مۇشۇندا بىر جىددى پەيىتتە، يىللاردىن بىرى خەلىقنىڭ نەزىرىدە ناچار سۈپەت ۋە ساختىپەزلىك ئوبرازغا ئىگە بولغان ئابدۇۋەلى بۇغرا دېگەن شەرەپسىز شەرقىي تۈركىستان خەلىق سايلىمى ئۆتكىزىدىغانلىقى ۋە بۇ سايلامنى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتىراقلاشقان سافاكۆي رايۇنىغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر تارقاتتى. مەلۇم كۈنلەردىن كىيىن سايلامنىمۇ قىلدى ۋە تورلاردا ئۆزىنىڭ غەلبە قىلغانلىقىنى ئوچۇق ئاشكارە ئىلان قىلدى. مانا ئەمدى ئابدۇۋەلى بۇغرا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت رەئىسى بولدى ۋ ھەر تۈرلۈك مىنىستىرلىكلەرگە مۇناسىپ ئادەم ئىزدەۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ دۆت كاللىسىغا ۋە ساتقىن ئەقلىگە لايىق پىلانلارنى ئوتتۇرغا قويىۋاتىدۇ. تۈركىيەنىڭ ھەر ساھەلىرىگىچە كىرىپ ئۆزىنىڭ خەلىق تەرىپىدىن سايلانغان رەئىس ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەرلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ شەھەرلىرىنى قېرىنداش شەھەر قىلىش ئۈچۈن پىلانلارنى تۈزىۋاتىدۇ.
خوش، ئۇنداق نىمە ئۈچۈن ئابدۇۋەلى بۇنچە ئۆز باشتاق بولۇپ كەتتى ؟ نىمە ئۈچۈن ئابدۇۋەلى بۇغرانى ھېچ كىم توسمايدۇ ؟ ئابدۇۋەلى بۇغرا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا قىلىۋاتقان بۇ ئىشلىرىدا باشقا پۈتۈن تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشىغا ۋە ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشتىمۇ ؟ پۈتۈن تەشكىلات رەھبەرلىرى قورقىدىغان ۋە ئۆزىنى قاچۇرىدىغان خەلىق سايلىمىنى ئوچۇق ئاشكارە خەلىق ئارىسىدا ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنى ئۆزى رەئىس دەپ ئاتىۋالغانلىقى ئۈچۈنلا ئىتىراپ قىلىشىمىز كىرەكمۇ !
ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ پىشىۋالىرى دەيدىغانلار ئابدۇۋەلى بۇغرانى قوللىدىمۇ ياكى ئابدۇۋەلى بۇغرادىن قورقتىمۇ ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا نىمىشقا توسمىدى ؟ ئابدۇۋەلى بۇغرانىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى خاتا دىگەن بولسا ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ھەقىقىي قوغدايدىغان بولسا ئىدى، خۇددى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى يېڭى قۇرۇلغاندا تورلاردا ئوچۇق ئاشكارە قارشى چىققانغا ئوخشاش، شەھەر شەھەرلەرگە بېرىپ ئۇنۋېرستىت ئوقۇغۇچىللىرىنى بۇ پارتىيەگە يېقىن كەلمەسلىككە تەشۋىق قىلغانغا ئوخشاش قارشى چىققان بولاتتى! خۇددى يۇرتلار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلىشىغا قارشى چىققانغا ئوخشاش، يۇرتلارنىڭ بىرلىشىشىنى يۇرتۋازلىق قىلدى، خەلىقنى پارچىلىدى دېگەندەك بەتناملار بىلەن قارشى چىققانغا ئوخشاش قارشىچىقاتتى، ھەتتا نەخمەيدانلاردا، ھەرخىل يىغىلىشلاردا قارشى چىقانغا ئوخشاش قارشى چىققان بولاتتى ! ئۈستى بىرلىك پىكىرى ئوتتۇرغا قويۇلغاندا، بىر يىرىگە يانتاق قىستۇرىۋالغاندەك كىچە كۈندۈز پۈتۈن ئابشاركىللىرى بىلەن قارشى چىققانغا ئوخشاش، تورلاردا نەخمەيدان سۆزلەپ قارشى چىققانغا ئوخشاش، كەلمىگەن ئايەت ھەدىسلەرنى كەلتۈرۈپ قارشى چىققانغا ئوخشاش، دەرەخلەرنى سىزىپ خىتتاي كومىنىستتىنمۇ بەتەر رەزىل تەسۋىرلەپ قارشى چىققانغا ئوخشاش قارشى چىققان بولاتتى ! كۆندۈرۈلگەن مولىسى ئارقىلىق قارشى چىققانغا ئوخشاش قارشى چىققان بولاتتى!
باشلىق دىگەن مانا بىز، بىرلىك دىگەن مانا بىز، رەئىس دىگەن مانا بىز دەپ توختىماي شايلىسىنى چاچرىتىپ قارشى چىققانغا ئوخشاش قارشى چىقاتتى !
ئەپسۇس ! مىڭ ئەپسۇس ! بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قارشى چىقمىدى ۋە چىقالمىدى. چۈنكى بۇلار ئابدۇۋەلى بۇغرانىڭ رەئىسلىكىنى ئىتىراپ قىلغاندەك ئىدى. چۈنكى ئابدۇۋەلى بۇغرا بۇلارنىڭ ئارزۇسىدەك خىزمەت قالايتى ۋە قىلىۋاتاتتى. چۈنكى بۇلارنىڭ قارشى چىقىدىغىنى پەقەت پارتىيەدەك ۋە ئۈستى بىرلىكتەك خەلىقنىڭ سەۋىيەسىدىن ئالاھىدە يۇقۇرى بولغان پىكىرلەرگە قارشى چىقاتتى! چۈنكى بۇلار ئوتتۇز قىرىق يىللىق نەتىجىسىز خىزمەتلىرىنى ئوخشاش شەكىلدە داۋاملاشتۇرىدىغانلارغا قارشى چىقمايتى ! چۈنكى بۇلارنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئالاھىدە پىلانى ۋە ھەركەت مىزانى بار ئىدى ۋە شۇ ھەركەت مىزانىغا خىلاپ ھەركەت قىلىدىغانلارغىلا پۈتۈن كۈچى بىلەن، بارىلىق مىنبىڭلىرىنى ئىشقا سېلىپ قارشى چىقاتتى!
ئەپسۇس ئابدۇۋەلى بۇغرانىڭ قىلىۋاتقان ھەركەتلىرى بۇلارنىڭ ھەركەت مىزانىغا ئۇيغۇن بولغاچقا ھېچكىم قارشى چىقالمىدى. ئابدۇۋەلى بۇغرانى ئىتىراپ قىلدى ۋە تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىغا سۈكۈت قىلىش بىلەن مەدەت بەردى.
ئەي شەرقىي تۈركىستان خەلقى ! شۇنچە تەشكىلات رەھبەرلىرى قورقىدىغان سايلام ئارقىلىق خەلىق تەرىپىدىن مەردانىلەرچە سايلانغان ۋە پۈتۈن تەشكىلاتلار ۋە رەھبەرلەر سۈكۈت قىلىش ئارقىلىق قوللىغان رەئىس ئابدۇۋەلى بۇغرانى قوللايلى ۋە رەئىسلىكىنى ئىتىراپ قىلايلى ! شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تۇنجى قېتىم ھېچ كىمنىڭ ۋە ھېچقانداق تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرىماي سايلام ئارقىلىق رەئىسىنى تاپتى. مەيلى بۇ ئابدۇۋەلى بۇغرا داۋانى سېتىپ يىسىمۇ قوللايلى، سېسىتىپ يىسىمۇ قوللايلى ! چۈنكى بىز چوڭ بىلىپ داۋانىڭ رولىنى تۇتقۇزغان ۋە ئەگەشكەن توخۇ يۈرەك داۋاچىلارنىڭ ھەممىسى سۈكۈتلىرى بىلەن قوللىدى ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا يول ئىچىپ بەردى!
ئەسلىدە، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى خەلىق ئىتىراپ قىلىدىغان ۋە خەلىق سايلىمى ئارقىلىق سايلاپ چىققان بىر رەئىسلىك ھەركىتى بىلەنلا سىستىمىلىشالايتى ۋە مىۋە بىرەلەيتى. ئەپسۇس بۈگۈنگە قەدەر ئۆزلىرىنى ئەۋلىيا ئەزەم چاغلايدىغان رەئىسلەر ۋە بېشىقانلار خەلىق سايلىمىدىن ئۆزۈنى قاچۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ سەۋىيەسىز ۋە ئىقتىدارسىز بىر قارا قورساق باندىت ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇپ ئۆزلىرىنى باتۇر قەھرىمان تەسۋىرلەپ خەلىقنى ئالداپ كىلىۋاتىدۇ. ئەپسۇس خەلىق سايلىمى بولماي تۇرۇپ، پارچە پارچە ھەركەت ھالىتىدە ۋە ئۆز ئارا دۈشمەنلىك ۋە قارشى رىقابەت ھالىتىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئەسلا مىۋە بىرەلمەيدۇ! شۇنىڭدەك سايلام دىسە ئەزرائىلدىن قورۇققاندەك قورقىدىغان، خەلىق پىكىرىنى قوبۇل قىلمايدىغان ۋە خەلىق پىكىرىنىڭ خەلىقاراغا يۈزلىنىشىنى خالىمايدىغانلار بىلەن ھەم ئەسلا ۋە ئەسلا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى راۋاجلانمايدۇ.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم: ئەي شەرقىي تۈركىستان نامى بىلەن داۋا قىلىۋاتقان مۆھتەرەم زاتلار ئابدۇۋەلى بۇغرانى توسۇپ قېلىڭلار ! شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى قوغداپ قېلىڭلار ! ئۆزۈڭلارنىمۇ ، خەلىقنىمۇ ئالدىماي ھەقىقىي ۋىجدانىڭلار بىلەن پۈتۈن مىللەتنىڭ ئارزۈسى ئۈچۈن خەلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈپ بىرىڭلار! ياكى بۇنۇڭغا ئىقتىدارىڭلار ئاجىز كەلسە ئۈستى بىرلىك قۇرۇلىشىغا قارشى تۇرماي سىڭگەننى يەپ جىمىپ قېلىڭلار !
شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە خەلىق تەرىپىدىن سايلانغان ھەقىقىي بىر رەئىس كېرەك !
شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قارا قورساق جان باقارلار ئەمەس بەلكى خەلىق بىلەن قول تۇتۇشۇپ ۋەتەن ئۈچۈن جان بىرەلەيدىغان قەھرىمانلار كېرەك! شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن، توختىماي خىتتاي كونسۇلىغا چاپىدىغانلار ئەمەس بەلكى خەلىقارا سەھنىلەرگە چاپىدىغانلار كېرەك !
شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق !
مەنبە : ۋاتىسئاپ ئۇيغۇر زىيالىلار مۇنبىرىدىن ئېلىندى

16/06/2020

2020.6.9 خوتەن قاراقاش ناھىيىسى ياۋا يېزىسى يېڭى بوستان كەنتىدىن بىر ئۇيغۇر قىزىمىز چىل بۆرىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشتى😭😔

https://www.facebook.com/abdurehim.jan.92قەھرىمان يېتەكچىلەرنىڭ ئورنىنى ساتقۇن، خائىنلار ئالسا، سىياسەتچىدانىشمەنلەرنىڭ ...
16/06/2020

https://www.facebook.com/abdurehim.jan.92

قەھرىمان يېتەكچىلەرنىڭ ئورنىنى ساتقۇن، خائىنلار ئالسا، سىياسەتچى

دانىشمەنلەرنىڭ ئورنىنى ۋەزخان چالا موللىلار ئالسا، ۋەتەن، مىللەت ئۈچۈن ئىنقىلاپ قىلىدىغان غازىيلارنىڭ ئورنىنى، دىن ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈپ جەننەتكە كىرىدىغان جىھاتچىلا ئالسا، دۇنيانىڭ نەرىگە بارسۇن بەگ بولغىدەك ئېسىل يىگىتلىرىمىز ئەسىر، خانىش بولغىدەك گۈزەل قىزلىمىز دىدەك بولۇشقا مەھكۇم بولىدۇ.
- بۇنى تەقدىر دەيمىز.

: ئابدۇرەھىمجان

بۇنىڭدىن 75يىل ئاۋۋالقى بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ تۇنجى دۆلەت ئارمىيىمىز بولغان. بۇ كۈن بىزنى مەڭگۈ ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. ئۇلار ...
08/04/2020

بۇنىڭدىن 75يىل ئاۋۋالقى بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ تۇنجى دۆلەت ئارمىيىمىز بولغان. بۇ كۈن بىزنى مەڭگۈ ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. ئۇلار بولغاچقا بىز مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىغان، بۈگۈننىڭ ئادالەتسىزلىكىرىىنى چۈشىنەلىگەن ۋە ئۆز ھەقلىرىمىزنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن. شۇنداقلا كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن قارىيالىغان! 75يىل گەرچە بىر مىللەتنىڭ يوقىلىشىغا يېتەرلىك ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، بىز يوقالمىدۇق، بىر ئەسىرگە يېقىن بۇ ئۇزۇن تارىجتا بىز بىر قېتىممۇ باشقىلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىش، ئۆزلىكىمىزنى يوقىتىش ۋە خىتايلارغا سىڭىپ كېتىشتەك نى تاللىمىدۇق. دەل ۋاز كەچمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن خورلاندۇق، تۆھمەت بىلەن قارىلاندۇق، ئۆلتۈرۈلدۇق، دۇنيادىن يالغۇز قالدۇرۇلدۇق. ئاقىۋەتتە ئېرقىي يوقىتىشقىمۇ ئۇچرىدۇق! ئەمما بىز يەنىلا بىز، بىز ۋاز كەچمىدۇق، ۋاز كەچمەيمىز! چۈنكى بىز ئېرىشىپ باققان! بىز تارىختا ئۆزدەۋرداشلىرىمىز قاتارىدا دۆلەت قۇرغان، تارىخ ياراتقان، ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈك ئۈچۈن باشقىلارغا ئوخشاشلا قان ۋە جان بېرەلىگەن بىر خەلق. بىز يوقالمايمىز! بولۇپمۇ بۈگۈن، دۈشمىنىمىزبولغان تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسى دۇنياغا ئاشكارە بولغان بۇ كۈن، دەل بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى تۆھمەتلەرنىڭ يالغانلىقى پاش بولىدىغان، خىتاي ھاكېمىيتىنى ئۈستىمىزدىكى جىنايەتلىرى سەۋەبلىك سوراققا تارتىدىغان ئۇلۇغ بىر كۈن! بىز يوقالمايمىز، بەلكى دۇنيا خەلقى ۋە ئادالەتنىڭ كۈچى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە دەھشەتلىك رەزىللىكنىڭ مەنبەسى بولغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھالاكەت ئىچىدە ۋەيران بولۇپ، دۇنيادا قايتا تېنچلىقنىڭ بەرپا بولۇشىغا شاھىد بولىمىز! دۇنيا خەلقى بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە تېنچ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىمىز!

17/02/2020

ئىسلامدا ۋەتەن سۆيگۈسى

ئىنساننىڭ ئۆز ئائىلىسىنى، ئۇرۇق-تۇغقىنىنى، جەمەتىنى، مىللىتىنى ۋە ۋەتىنىنى سۆيۈشى ئۇنىڭدىكى تەبىئىي خاراكتېر بولۇپ، نېمەت، ھىدايەت ئەقىدە ۋە ئىمان ئالامەتلىرىدىندۇر. شۇڭا ئىنساننىڭ بۇ سۆيگۈسى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىسلام ئىنساننى شۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ.
ئىنساننىڭ ۋەتىنى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە ئوخشاش بولۇپ، مەۋجۇتلۇق ۋە ھاياتلىقتا بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ۋەتەن ئىنساننىڭ پائالىيەت قىلىدىغان سەھنىسى، ھۇزۇر ۋە راھەت ئالىدىغان مەركىزىدۇر. ئىنسان باشقا يۇرتلاردا ھەر قانچە راھەت ياشىسىمۇ، يەنىلا ئۆز ۋەتىنىنى سېغىنىدۇ.
ۋەتەننى سۆيۈش، ھىمايە قىلىش، گۈللەندۈرۈش، تەرەققى قىلدۇرۇش، ۋەتەنداشلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈش ئەقىدە ۋە ئىماننىڭ دەلىلىدۇر. ئۆلىمالار «ۋەتەننى سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» دېگەن جۈملىنىڭ گەرچە سەھىھ ھەدىس بولمىسىمۇ، لېكىن مەنىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ۋىجدان ۋە ئىمانلىق ئىنسان ئۆز خەلقىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ، قەلبىدىكى مىللەت ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىنى ھەرگىز يوقاتمايدۇ، بەلكى مىللىتى ۋە ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىش، گۈللەندۈرۈش، تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا تېخىمۇ تىرىشىدۇ. «يۇرتۇم ماڭا ئۇۋال قىلغان تەقدىردىمۇ ئەزىزدۇر، خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ كەرەملىكتۇر».
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى ئۆز مىللىتىنى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋەتىنىنى ياخشى كۆرىدىغان خاراكتېر بىلەن ياراتقان. ئىنسان ئۆزى تەۋە بولغان ۋەتەننىڭ مۇھىتىنىڭ، ھاۋا كىلىماتىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرىدىن ھۇزۇر ئالىدۇ. ۋەتىنىنى ياخشى كۆرۈش ئىنساندا تەبىئىي ھالدا شۇ ۋەتەندە ياشاش رىغبىتىنى ئاشۇرىدۇ. ۋەتەن دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئۇنى قوغداش تۇيغۇسىنى قوزغايدۇ.
ئىنسان ئۈچۈن جەمەتسىزلىك ۋە ۋەتەنسىزلىكتىن ئارتۇق خارلىق بولمىسا كېرەك. ۋەتەنسىزلىك ئىنسان قەلبىنى يارا قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئەلەمدۇر. قۇرئان كەرىم سۈرە نىسانىڭ 66-ئايىتى، سۈرە مائىدىنىڭ 33-ئايىتى قاتارلىق بىر قانچە ئايەتلەردە ۋەتەننى تاشلاشقا مەجبۇر بولۇشنىڭ ئۆلۈم بىلەن تەڭ جازا ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام ۋەتەن سۆيگۈسىنى قەدىرلىگەن، ۋەتەننىڭ ھۆرمىتىنى تەكىتلىگەن، ۋەتەننى قوغداشقا چاقىرغان ۋە ۋەتىنىنى مۇداپىئە قىلىشنى پەرز قىلغان.
ۋەتەننى پۇل بىلەن سېتىۋالغىلى بولمايدۇ، ۋەتەن ئىنسانغا ئاللاھ تەرەپتىن ئاتا قىلىنغان بۈيۈك نېمەتتۇر. ۋەتەننىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش ھەربىر ئىنساننىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىدۇر. ئىسلامدا ۋەتەننىڭ مەنپەئەتىنى، ھۆرلۈكىنى، بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش پەرزدۇر. مۇسۇلمانلارنىڭ بىر غىرىچ زېمىنى دۈشمەنلەر تەرىپىدىن بېسۋېلىنسا، ئۇ زېمىننى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن، جىھاد قىلىشنىڭ پەرز بولىدىغانلىقىغا پۈتۈن ئۆلىمالار بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭغا سۈرە بەقەرەنىڭ 246-ئايىتى، سۈرە ھەجنىڭ 39-، 40-ئايىتى قاتارلىق بىر قانچە ئايەتلەرنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ھەدىسلىرىنى ۋە ئىسلامدا ئاساسلىق جىھادلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى بولغان مەدىنە مۇنەۋۋەرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى دەلىل قىلغان.
ئەقلى ۋە ئىمانى ساغلام بىر ئىنساننىڭ قەلبى ۋەتەن سۆيگۈسىدىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇنىڭدىكى ۋەتەن سۆيگۈسى ئۇنى ۋەتىنى ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا، ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىشقا، ۋەتىنى دۈشمەنلەرنىڭ خىرىسلىرىغا ئۇچرىغاندا، ئۇنى مېلى ۋە جېنى بىلەن قوغداشقا ئۈندەيدۇ.
ئۇستاز مۇستاپا سادىق رافىئى مۇنداق دەيدۇ: «ۋەتىنىمنى دىلىمدا ياخشى كۆرىمەن، قەلبىمدە ئۇلۇغلايمەن، ئېغىزىمدا دۇئا قىلىمەن، مېلىم ۋە جېنىم بىلەن قوغدايمەن».
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئۈچۈن مۇنداق دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ: «ئى ئاللاھ! مەدىنىنى ماڭا (ئانا يۇرتۇم)مەككىدەك سۆيۈملۈك قىلىپ بەرگىن».
مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز مىللىتى ۋە ۋەتىنى ئۈچۈن جەڭ قىلىشى ئاللاھ يولىدىكى جىھاد ۋە بۇ يولدا ئىسسىق جانلىرىنى قۇربان قىلىشى شېھىدلىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «قَالَ هَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ أَلَّا تُقَاتِلُوا قَالُوا وَمَا لَنَا أَلَّا نُقَاتِلَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَدْ أُخْرِجْنَا مِنْ دِيَارِنَا وَأَبْنَائِنَا». تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر: دېدى. ئۇلار: دېدى». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مال-مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى شېھىتدۇر، كىمكى ئۆزىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى شېھىتدۇر، كىمكى دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى شېھىتدۇر، كىمكىئەھلىنى (يەنى ئائىلە ۋە جەمەتىنى) قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ كىشى شېھىتدۇر».

ئوبۇلقاسىم ئەھمەدىنىڭ مەرىپەت ژۇرنىلىنىڭ 2019-يىلى 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان ئىسلامدا ۋەتەنپەرۋەرلىك چۈشنەچىسى دېگەن ماقالىسىدىن ئېلىندى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىرمىليۇن سەككىزيۈز مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر زىمىننى بىسىۋالدى دۇنيا تاجاۋۇزچى دەپ باقتىمۇ؟ ئۈچ مىليۇ...
12/02/2020

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىرمىليۇن سەككىزيۈز مىڭ كۇۋادىرات كىلومىتىر زىمىننى بىسىۋالدى دۇنيا تاجاۋۇزچى دەپ باقتىمۇ؟ ئۈچ مىليۇن ئۇيغۇرنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ، دۇنيا قىرغىنچى دەپ باقتىمۇ؟ قانچىلىغان ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۋاتىدۇ دۇنيا تىرورچى دەپ باقتىمۇ؟ ئاچا - سىڭىللىرىڭىزنى خاتۇن قىلۋاتىدۇ دۇنيا باسقۇنچى دەپ باقتىمۇ؟ ھالا خىتايغا كەلگەن بالانى ئاجىز ئۇيغۇر ئاللاھنىڭ جازاسى دەپ قويغانغا دۇنيا ئىرىقچى دەپ قالامىش ۋاي ۋاي سەنلەرنىڭ ھالىڭغا، مۇشۇ گەپنى تاپقان ئەقلىڭگە. دۇنيا كۆزىگە ئىشتان كەيگەن ئۇيغۇرنىڭ فىسبۇكلىرىنى ئوقۇيدىغان كۆزى يوق. دۇنيانىڭ قۇلاقلىرى پاختىلانغان ئۇيغۇرنىڭ ئاللاھنىڭ خىتايغا بەرگەن جازاسى دېگەن گىپىنى ئاڭلىمايدۇ. دۇنيانىڭ قەلبى پولاتتەك مۇستەھكەم بولغىلى نەۋاق، ئۇيغۇردەك ئاجىزلارنىڭ گىپى ئۇلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلمايدۇ. شۇڭا يالغاندىن ئالىي جاناب، يالغاندىن ئىنسانپەرۋەر، يالغاندىن ئىلىمدار بولۋالماڭلار.



مۇستەقىللىك يولىدىكى تىڭىرقاشلىرمىز   ئاچچىق رىئاللىقلار
04/02/2020

مۇستەقىللىك يولىدىكى تىڭىرقاشلىرمىز ئاچچىق رىئاللىقلار

مۇستەقىللىك يولىدىكى تىڭىرقاشلىرمىز ئاچچىق رىئاللىقلار #反纳粹中共 #中共犯灭绝...

Ilshat Hesen Kökböre :Xitayning chiqarghan qanunining Uyghurlar bilen hechqandaq alaqisi yoqSheytan xitayning niqabini d...
30/12/2019

Ilshat Hesen Kökböre :Xitayning chiqarghan qanunining Uyghurlar bilen hechqandaq alaqisi yoq
Sheytan xitayning niqabini dunyagha achayli !

Ilshat Hesen Kökböre :Xitayning chiqarghan qanunining Uyghurlar bilen hechqandaq alaqisi yoq Sheytan xitayning niqabini dunyagha achayli ! ...

ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نىڭ تولۇق تېكىستى10/10/2019 116-نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ 1-قېتى...
12/12/2019

ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى»نىڭ تولۇق تېكىستى

10/10/2019
116-نۆۋەتلىك پارلامېنتنىڭ 1-قېتىملىق يىغىنى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى تۈزۈپ چىقتى.

1-باب قىسقىچە ماۋزۇ
بۇ قانۇن لايىھەسى «2019-يىللىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن.

2-باب مەقسەت ھەققىدە
بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنى ھەرقايسى كۈچلەرنى تەشكىللەپ، ئورتاق ئېتىراپ قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلەش. جۈملىدىن خىتاي تېررىتورىيەسىدىكى ئون مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ۋە گىراژدانلىرىغا تەھدىت سېلىش ۋە قورقۇتۇش قىلمىشلىرى.

3-باب مۇۋاپىق بولغان پارلامېنت كومىتېتى
بۇ بابتىكى «مۇۋاپىق بولغان پارلامېنت كومىتېتى» دېگەن ئىبارىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى بولسا:

1) (كېڭەش پالاتاسى) تاشقى ئىشلار كومىتېتى، قوراللىق قىسىم كومىتېتى، ئاخبارات ئالاھىدە كومىتېتى، بانكا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر خىزمەتلىرى كومىتېتى ۋە ئەدلىيە كومىتېتى ۋە كېڭەش پالاتاسى پۇل ئاجرىتىش كومىتېتى.

2) (ئاۋام پالاتاسى) تاشقى ئىشلار كومىتېتى، قوراللىق قىسىم كومىتېتى، ئاخبارات دائىمىي كومىتېتى، مالىيە كومىتېتى، ئەدلىيە كومىتېتى، ئاۋام پالاتاسى پۇل ئاجرىتىش كومىتېتى.

4-باب پارلامېنت تەكشۈرۈپ ئېرىشكەن نەتىجىلەر

1) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى (PRC) ئۇزۇندىن بېرى نامدا ئاپتونۇم رايون دەپ ئاتالغان شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت)دىكى 13 مىليونغا يېقىن تۈركىي، مۆتىدىل سۈننىي مۇسۇلمانلىرىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلدى. بۇ قىلمىشلار «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى»، «پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئورتاق كېلىشىمنامىسى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە خىلاپ كېلىدۇ.

2) يېقىنقى نەچچە ئون يىل مابەينىدە مەركەز ۋە يەرلىكتىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۇيغۇر، قازاق ۋە شىنجاڭدىكى باشقا مۇسۇلمانلارنى ئىرقىي جەھەتتىن كەمسىتىپ، ئۇلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، پائالىيەت ئەركىنلىكى ۋە ئادىل سوتلىنىش قاتارلىق ئەقەللىي پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلدى.

3) مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە شىنجاڭ رايونىدا قالايمىقانچىلىق كۈچىيىپ كەتتى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۋېلچە «تېرورلۇق» ۋە «بۆلگۈنچىلىك»نىڭ دەلىل-ئىسپاتى قىلىندى ۋە بۇنى باھانە قىلىپ، يەنە بىر قەدەم چەكتىن ئاشقان ھالدا باستۇردى.

4) خىتاي دائىرىلىرى 2014-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت خەلقىگە قارىتا «زوراۋانلىققا، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى قوزغىدى. بۇنىڭدا كەڭ كۆلەملىك، خەلقئارالىق تېررورلۇق تەھدىتىنى باھانە قىلىپ، ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان چەكلىمىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇندى.

5) بۇ سىياسەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

A) بارلىق رايوندا يۇقىرى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، جۈملىدىن بالىلارنىڭ DNA ئۇچۇرىغا ئوخشاش بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى پۇقرالار بىلمىگەن ۋە ئۇلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغان ھالدا يىغىش.

😎 چىراي ۋە ئاۋاز تونۇش دېتالى ۋە ئۇچۇر ئامبىرى

(Cبارلىق رايوندا پائالىيەت ئەركىنلىكىنى چەكلەش.

6) خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تا ھازىرغىچە ئالاقاغا (2014)، خانئېرىق (2013)، سېرىقبۇيا (2013)دىكى چوڭ كۆلەملىق قوراللىق ھۇجۇم ۋەقەسى ۋە ئابدۇلباسىت ئابلىمىت (2013) ۋە روزى ئوسماننى (2014) قانۇنسىز ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرى ھەققىدە ئىشەنچلىك دوكلات تەمىنلىيەلمىدى.

2016-7) (A) يىلى 8-ئايدا شىزاڭ ئاپتونۇم رايونى(تىبەت-ت)نىڭ پارتىيە دائىمىي كومىتېت سېكرىتارى چېن چۇەنگو شىنجاڭنىڭ پارتىيە دائىمىي كومىتېت سېكرىتارى بولۇپ تەيىنلىپ، بۇ رايوندىكى باستۇرۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈلدى.

(B) شىنجاڭدىكى يەرلىك ئەمەلدارلار كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان ئاتالغۇلار بىلەن سىياسىي نىشانلىرىنى سۈپەتلەپ كەلدى. مەسىلەن: ئۆسمىنى ئېلىۋېتىش، خىمىيەلىك ئۇسۇل ئارلىق ئوت يوقىتىش دېگەنگە ئوخشاش.

(C) ئۇيغۇرلار چاغانغا ئوخشاش خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقام ۋە مەشرەپكە ئوخشاش مەدەنىي مىراسلىرى دۆلەت تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرغاچقا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يوقىتىۋېتىلىشكە قاراپ يۈزلەندى.

😎 2017-يىلىدىكى ئىشەنچلىك دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، چەتئەلدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولغان خىتاي ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. خىتاي دائىرىلىرى چەتئەلدىكىلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، قايتىپ كېلىشكە زورلىغان، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان.

9) زىيالىلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، مۇخبىرلار ۋە ئەقىل ئامبىرى گۇرۇپپىلىرى تەمىنلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇماتلار خىتايدا «سىياسىي تەربىيەلەش» مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى دەلىللىگەن.

10) مۇستەقىل تەشكىلاتلار قايرات سەمەرقەند، ئۆمەر بېكالى، مېھرىگۈل تۇرسۇن ۋە بۇ جايدا قامىلىپ باققان باشقا كىشىلەرنى زىيارت قىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىغان. ئۇلار مەجبۇرىي سىياسىي ئىدىيە ئۆزگەرتىش، قىيىن-قىستاق، تاياق، يېمەكلىك كەمچىللىك، ئايرىم قاماش، شۇنداقلا ۋاقىتنى بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە قامىلىش، ھاقارەت قىلىنىش، ئېتىقادى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈپەتلەپ بەرگەن. ساقچىلار ئۇلارغا بىردىنبىر قۇتۇلۇش يولىنىڭ يېتەرلىك سىياسىي سادىقلىق كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

11) بۇ جايلارنىڭ شارائىتىنىڭ ناچارلىقى ۋە داۋالىنىش شارائىتىنىڭ كەمچىللىكى ياشانغانلار ۋە كېسەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، ھەسەن ئىمىن (2017) ۋە ساۋۇت راھمان (2017) ھېچقانداق تەكشۈرۈش باسقۇچىدىن ئۆتمەيلا، «سىياسىي ئۆزگەرتىش» لاگېرىغا سولانغان مەزگىلدە ئۆلۈپ كەتكەن.

باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىقىغا ياكى مەڭگۈلۈك تۇرۇش رۇخسىتىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەھدىتى ۋە پاراكەنچىلىك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن.

12) خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا بىر قىسىم دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ قىلمىش قايتۇرۋەتمەسلىك پىرىنسىپىغا زىت كېلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋەتكەن دۆلەتلەر مىسىر (2017)، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى (2017)، مالايشىيا (2011، 2013)، تايلاند (2011، 2015)، لائوس (2010)، بىرما (2010)، كامبودژا (2009)، ۋىيېتنام (2014)، قازاقىستان (1999، 2001، 2003، 2006)، ئۆزبېكىستان (2007)، تاجىكىستان (2011)، پاكىستان (2003، 2009، 2011)، نېپال (2002) ۋە ھىندىستان (2016) قاتارلىقلار.

13) ئەركىن ئاسىيا رادىيو ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئالتە ئۇيغۇر مۇخبىر خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى پاش قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئائىلە ئەزالىرىغا زىيانكەشلىك قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

14) بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرى شىنجاڭدىكى دائىرىلەر بىلەن تىجارەت ھەمكارلىقى ئورناتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ سودا پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ياكى ياردەم بېرىشتىن ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تەدبىرلەر يېتەرلىك ئەمەس.

15) خىتاي ھۆكۈمىتى بىر بەلباغ، بىر يول پىلانىغا ئاساسەن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئەمما سىياسەت، مەدەنىيەت ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل ھوقۇقىنى نەزەرگە ئالمايۋاتىدۇ.

16) تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، پارلامېنت خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، شۇنداقلا مەمۇرىي تارماقلار ۋە پارلامېنتنىڭ ھەرقايسى ئەزالىرى شىنجاڭدا ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرى ۋە «سىياسىي قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى»گە بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلمەكتە.

17) 2018-يىلى 8-ئايدا ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش كومىتېتى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

18) 2018-يىلى 8-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي دائىرىلىرى بۇ شىكايەتكە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ شىكايەتلەرنى ئىنكار قىلدى ياكى بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى.

19) 2018-يىلى 9-ئايدا يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي ئەمەلدارى مىشېل باچېلېت تۇنجى قېتىملىق نۇتقىدا: «ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش قىلمىشى، يەنى شىنجاڭدىكى ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرلىرى ھەققىدىكى شىكايەتلەر كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ» دېدى.

20) 2018-يىلى 18-سېنتەبىر ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى تەھرىر ھەيئىتى: «مۇھىم بولغىنى ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەملىكىلا ئەمەس، بەلكى 21-ئەسىردىكى تېخنولوگىيەنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ۋەيران قىلىشقا ئىشلىتىلەمدۇ يوق، دېگەن مەسىلىدۇر» دەپ كۆرسىتىپ ئۆتتى.

21) 2018-يىلى 12-ئايدا كېڭەش پالاتاسى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ئىدارىسى مۇئاۋىن ياردەمچى سىكوت باسبىنىڭ شەرقىي ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ۋە تور بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيە ھەيئىتى گۇۋاھلىق بېرىپ، 2017-يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە لاگېرلاردا ئاز دېگەندە 800 مىڭ كىشىنىڭ قامالغانلىقىنى، ئىككى مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى دەلىللىگەن.

22) 2018-يىلى 12-ئايدا مۇستەقىل تاراتقۇلار كۆپلىگەن دەلىللەرنىڭ لاگېرلاردىكى كىشىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. شۇنداقلا دوكلاتلاردا لاگېردىن قويۇۋېتىلگەنلەرنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى زاۋۇتلاردا تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقى، بولمىسا لاگېرغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

23) 2018-يىلى 12-ئايدا ۋە 2019-يىلى 1-ئايدا خىتاي ئەمەلدارلىرى غەرب دۆلەتلىرى قاتارىدىن بولمىغان 12 دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرىنى ۋە دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نى زىيارەت قىلغۇزدى. زىيارەتتىن بۇرۇن خەلقئارالىق تاراتقۇلار خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»دىكى بىر قىسىم بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ ئىزىنى يوقاتقانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ۋە خەلقنىڭ لاگېرلار ھەققىدە سەلبىي پىكىرلەرنى قىلماسلىقى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. دوكلاتتا يەنە زور تۈركۈمدىكى تۇتقۇنلارنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى قاماقخانىلارغا يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

24) مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ رايونىنى «شىمالىي كورىيە بىلەن تەڭداش كېلىدىغان ساقچى دۆلىتى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكىگە ئوخشاش ئىرقىي ئايرىمىچىلىق، ئاستا شەكىلدىكى تيەنئەنمېن باستۇرۇشى» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىدى.

5-باب پارلامېنتنىڭ پىكىرى

1) پىرېزىدېنت خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى خورلاۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىشى كېرەك. شۇنداقلا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى خىتايدىكى سىياسەتنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ئۇزۇنغا سوزۇلغان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا، «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»نى تاقاشقا، پۈتۈن رايوندىكى چەكلىمىلەرنى يوقىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىكى قىلىشقا، قايتىدىن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چاقىرىشى كېرەك.

2) ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭى بىر ئىستراتېگىيە پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئالىي ئەمەلدارى ۋە ب د ت دىكى مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭغا، جۈملىدىن «سىياسىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى»گە قارىتا دەرھال ۋە چەكلىمىسىز كىرىپ تەكشۈرۈش چاقىرىقىنى قوللىشى، ب د ت دىكى ئامېرىكا ۋەكىلىنىڭ پىكىر بېرىش ۋە بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىشى كېرەك.

3) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھوقۇقلۇق ئورگانلاردىن، جۈملىدىن ماگنىتىسكىي قانۇنىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى، ھۆكۈمەتتىكى كومپارتىيە ئەزالىرىغا قاراتمىلىق چەكلەش يۈرگۈزۈشنى، خىتاي ھۆكۈمىتى، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، شىنجاڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ۋە باشقا ئەمەلدارلارنىڭ شىنجاڭ ۋە باشقا جايلاردىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى ئەرز قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك.

4) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «فرانك ۋولف خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى»نى ئىجرا قىلىشقا، شۇنداقلا بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئىستراتېگىيەلىك ھالدا جازا تەدبىرلىرى ۋە باشقا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا رۇخسەت قىلىشى كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەت» دەپ قاراپ، ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىشى كېرەك.

5) سودا مىنىستىرلىكى ھەرقانداق ئامېرىكا مەھسۇلاتىنى ۋە مۇلازىمىتىنى خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ۋاكالەت ئورگانلىرىغا سېتىپ بەرمەسلىكىنى، جۈملىدىن شىنجاڭدىكى كومپارتىيە ئورگانلىرىنى، ساقچى ئورگانلىرىنى، شىنجاڭدىكى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنى ياكى خىتايغا ۋاكالىتەن تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قىلىشلىرىغا مەسئۇل بولغان ئورگانلارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى قاراپ چىقىشى ۋە ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك.

6) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ چىقىپ، ئامېرىكا پۇقراسى ياكى مەڭگۈلۈك گىراژدانى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلىشى، ئۇنى قەرەللىك ھۆكۈمەتكە يوللاپ تۇرۇشى ۋە خىتايدىن سورىقىنى قىلىشى، مۇۋاپىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى تېزلەشتۈرۈشى كېرەك.

7) شىنجاڭدا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋاتقان ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە شەخسلەر زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىلىشى، جۈملىدىن مالىيە پىلانىدىكى سودا پائالىيەتلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىغا ئارىلىشىپ قالماسلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا باغلىنىشلىق بولماسلىقى كېرەك.

😎 فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئامېرىكىدىكى باشقا قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئامېرىكا پۇقراسى ياكى مەڭگۈلۈك گىراژدانى بولغان تۈركىي مۇسۇلمانلار، ئۇيغۇلار ۋە خىتايلارغا، شۇنداقلا ئامېرىكىدا قانۇنلۇق خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى ئوقۇۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا تەھدىت سالغان ۋە قورقۇتقان ۋە ئاۋارە قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەك.

9) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرى بىلەن ئوخشاش قەدەم باسقۇچلار ئارقىلىق، قاراتمىلىق جازالاش ۋە ۋېزا چەكلىمىسى قويۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك.

10) ئەركىن ئاسىيا رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەقدىرلەش كېرەك. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارغا تەھدىت سالغان، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ قورقۇتقان بولسىمۇ، ئۇلار توغرا ۋە تەپسىلىي ھالدا ئۇيغۇرلار ۋە خىتايدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەرنى تونۇشتۇرۇپ كەلدى.

6-باب دۆلەت بىخەتەرلىكى دوكلاتى

a) ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ 180 كۈن ئىچىدە دۆلەتلىك ئاخبارات ئىدارىسى باشلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پارلامېنتقا مەخپى ۋە ئالاھىدە مەخپىي دوكلات يوللاپ، شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ دۆلەتكە ۋە رايونغا بولغان بىخەتەرلىك تەھدىتىنى، شەرقىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ بېرىش ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ نىسبىتى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە نازارەت قىلىشقا ئىشلىتىلگەن ساقچى سىگنال سىستېمىسى، چوڭ ئۇچۇر ئامبىرى قاتارلىقلارغا ئوخشاش تېخنىكىلارنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى باھالاپ چىقىشى كېرەك.

b) قوشۇمچە: (a) ماددىدا تەلەپ قىلىنغان دوكلاتقا يەنە بىر ھۆججەت قوشۇمچە قىلىنىشى، ئۇ ھۆججەتتە «سىياسىي تەربىيەلەش» لاگېرلىرىنى قۇرۇش، خىزمەت قىلدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىگەن كۆزىتىش تېخنىكىسى ياكى مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكى تۇرغۇزۇلۇشى كېرەك.

7-باب ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىنى تەھدىت ۋە قورقۇتۇشقا ئۇچراشتىن قوغداش

a) ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئېلان قىلىنىپ 90 كۈن ئىچىدە دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى باشلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، مۇۋاپىق ھالدا پارلامېنت كومىتېتىغا دوكلات سۇنۇشى، دوكلاتتا ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ياكى ۋاقىتلىق خىزمەت قىلىۋاتقان، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كوممۇنىست ئەمەلدارلىرىنىڭ تەھدىت سېلىشى ۋە پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان ۋە ياكى خىزمەت قىلغانلىقى ۋە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تەھدىتكە ئۇچرىغان ياكى تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي پۇقرالىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ۋە قوغداش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقلار بايان قىلىنىشى كېرەك.

b) ئامېرىكا پۇقرالىرى ياكى ئاھالىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۇچۇر ئامبىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇۋاپىق مېخانىزم ھەققىدە ئىزدىنىپ، ئىختىيارى خاراكتېرلىك ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ چىقىشى، بۇنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە مەڭگۈلۈك گىراژدانلىرى ئۈچۈن تەمىنلىنىشى، ئائىلە ئەزالىرى يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىشى، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ سورىقىنى قىلىشقا، شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنىڭ شىكايەت قىلىشىنى تېزلىتىشكە قولايلىق يارىتىشى كېرەك.

8-باب ئاممىۋى دېپلوماتىيە دوكلاتى

a) مەزكۇر قانۇن ئېلان قىلىنىپ 120 كۈن ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ھەرقايسى تاراتقۇلىرىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى پارلامېنتقا تۆۋەندىكىدەك بىر پارچە دوكلات سۇنۇشى كېرەك:

1) ئامېرىكا رادىيوسىنىڭ دۇنيادىكى ئۇيغۇر تىللىق رايونلارغا تارقىلىش ئەھۋالى ۋە دائىرىسىنى، خەۋەرلەرنىڭ بۇ رايوندا تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئامىللارنى، بۇ رايونلارغا تارتقۇلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان تەمىنلىنىشكە تېگىشلىك تېخنىكا ۋە مالىيە ھەققىدىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى بايان قىلغان بولۇش.

2) ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدىكى مۇخبىرلارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇچرىغان تەھدىتلىرىنى بايان قىلغان بولۇش.

3) ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ خەلقئارادىكى مەركەزلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ياكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان يالغان خەۋەر ۋە تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەقەللىي ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىغا ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار پائالىيەت ياكى پىلانلارغا چاپان يېپىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان بولۇش.

b) پارلامېنتنىڭ پىكىرى: ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىدىكى مۇخبىرلار خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنى ئېغىزىنى ئەتمەكچى بولۇشى ياكى تەھدىت سېلىشىغا قارىماي، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنى خەۋەر قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. پارلامېنت ئۇلارنى قاتتىق ئالقىشلاشقا تېگىشلىك دەپ قارايدۇ.

9-باب يىللىق دوكلات

a) مەزكۇر قانۇن ئېلان قىلىنىپ 180 كۈن ئىچىدە ۋە بۇندىن كېيىن ھەر يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالاقىدار فېدېراتىپ ئورگانلىرى ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىن ئۇچۇر ئىگىلەش ئارقىلىق، پارلامېنت كومىتېتىنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىللىق دوكلات بىلەن تەمىنلىشى كېرەك:

1) شىنجاڭ رايونىدىكى «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى»غا قامالغانلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاش، لاگېرلارنىڭ شارائىتىنى باھالاش، جۈملىدىن قىيىن-قىستاققا ئېلىنامدۇ، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنامدۇ ۋە باشقا خورلاشلارغا ئۇچرامدۇ دېگەندەك.

2) ئامال بار تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنىنى بېكىتىش ۋە ئۇنىڭ ئىچىگە قامالغان كىشىلەرنىڭ سانىنى پەرەز قىلىش.

3) خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋە قايتا تەربىيەلەش لاگېرىغا مەسئۇل ئورگانلارنىڭ قامالغان ئۇيغۇرلارنى قانداق ئۇسۇلدا «قايتا تەربىيەلەيدىغانلىقى»نى چۈشەندۈرۈش.

4) سوراق قىلىش ياكى تۈرمىگە قاماش ئۈچۈن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىش.

5) تەربىيەلەش لاگېرلىرىدا ياكى يەرلىك زاۋۇتلاردا قايتا لاگېرغا قايتۇرۇلۇش تەھدىتى ئارقىلىق تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنى ئېنىقلاپ چىقىش.

6) بۇ خىل ئەمگەكلەردىن پايدىغا ئېرىشكەن زاۋۇتلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش.

7) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، مۇخبىرلار ۋە باشقا شەخسلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىپ تەكشۈرۈشگە رۇخسەت قىلىش ئەھۋالىنى باھالاپ چىقىش ۋە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان تەدبىرلىرىنى بايان قىلىش.

😎 شىنجاڭدىكى ساقچى دائىرىلىرى قوللانغان باستۇرۇش خاراكتېرلىك نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە كونترول قىلىش ئۇسۇللىرىنى باھالاپ چىقىش، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قاماشقا مەسئۇل بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ساقچى ئەمەلدارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقىش.

9) شىنجاڭدىكى ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ۋە پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن دېپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنى، جۈملىدىن تۈرلۈك ئورگانلار، خىتاي، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلەرنى بايان قىلىش.

b) ئاخىرلاشتۇرۇش: ئەگەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارلامېنتقا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلىش، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، (a) ماددىدىكى تەلەپ قىلىنغان دوكلاتنى توختاتسا بولىدۇ.

10-باب دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى

a) ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشىدە يېڭى ۋەزىپە ئورنى تەسىس قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك. مەزكۇر ۋەزىپە ئورنى دېپلوماتىك ياراشتۇرۇش، سىياسەت، ئاممىۋى دېپلوماتىيە، مالىيە ياردىمى، جازالاش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك مەنبەلىرى قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل بولۇپ، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى ئاقلاش قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.

b) ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش: ئەگەر تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى (a) ماددىدىكى يېڭى ۋەزىپە ئورنى تەسىس قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرسە، دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشىدىكى ئەمەلدار ۋە خادىملاردىن ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىنى تاللاپ، ۋەزىپىگە قويسا بولىدۇ. تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى ماسلاشتۇرغۇچى ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان ئەمەلدار ياكى خادىمنىڭ ئەسلىدىكى ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلسا بولىدۇ.

(c) تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇمىيۈزلۈك دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى پارلامنېتقا ئىسپاتلاپ بەرگەندىن كېيىن ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنى توختىتىدۇ.

(d) مەسلىھەتلىشىش: يۇقىرىقى ماددىغا ئاساسەن ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىنى بېكىتىشتىن بۇرۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارلامېنت كومىتېتى رەئىسى ۋە ئاز سانلىق پارتىيە ئەزالىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشى كېرەك.

ئوقۇرمەنلەر سەمىگە؟ قانۇنى ھۆججەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىسىملار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىلى بويىچە ئەينەت تەرجىمە قىلىنىدى. توغرا چۈشەنگەيسىلەر!

Toggle navigation تارىخىي ھۆججەتلەرماقالىلەرئىقتىسادخىتاي ئىقتىسادىخەلقئارا سوداباياناتمۇھاكىمەھۆججەتلەرمائارىپتەھلىل ۋە مۇلاھىزەزۇلۇم ۋە قارشىلىقخەۋەرلەرشەرقىي تۈ...

Adresse

Headquarters: Adolf-Kolping-Straße 9
Munich
80336

Benachrichtigungen

Lassen Sie sich von uns eine E-Mail senden und seien Sie der erste der Neuigkeiten und Aktionen von Yashisun Musteqil Sherqiy Türkistan erfährt. Ihre E-Mail-Adresse wird nicht für andere Zwecke verwendet und Sie können sich jederzeit abmelden.

Teilen